ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كومىتېت ئۇيغۇر ئېلىدىكى 23 ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى تەتىل مەزگىلىدە مۇقىملىق تەشۋىقات خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىگەن.
دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئىشتىراك قىلغان مۇقىملىق تەشۋىقات پائالىيىتى رايوندا دىنىي كەيپىياتنىڭ سۇسلىشىشى ۋە ئاتالمىش زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ جۇلالىنىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بۇ دوكلات ھەققىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىل مەزگىلىدە ئۆز مىللىتىنىڭ دىنىنى، ئۆرپ - ئادىتىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەتكە سېلىنغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىدا ۋاڭ لېچۈەن مەزگىلىدىلا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قارشى كۈرەش «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەش» دەپ ئاتالغان ۋە بۇ «ھايات - ماماتلىق جەڭ» دەپ تەرىپلەنگەن. بۇ جەرياندا ئىدېئولوگىيە سېپىنى بولگۈنچىلەرگە تارتقۇزۇپ قويماسلىق شۇئارىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇڭا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مەزكۇر پائالىيىتىنى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز مىللىي مەنپەئەتىگە قارشى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەرىكەت دەپ مۇلاھىزە قىلىشماقتا.