ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي چەكلىمىلەر ئەيلەندى

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ «ئاھلۇلبايت» خەۋەر ئاگېنتلىقىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي چەكلىمىلەر ئەيلەندى.

مەزكۇر ئاخبارات قانىلى تور بېتىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن روزا تۇتۇشتىن چەكلەنگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

خەۋەردە رامزان باشلىنىشتىن ئىلگىرى خوتەن ۋە تۇرپانلاردا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ۋە ئادەم ئۆلگەنلىكى ئالاھىدە ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

خەۋەردە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رامزان باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا «ۋەدىنامە» يازدۇرۇپ ئۇلارنى روزا تۇتماسلىققا مەجبۇرلىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى بىر ئائىلە كومىتېتى خادىمى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ روزا تۇتۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى، ئىدارە - جەمئىيەتلەردىكى ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرگە چۈش ۋاقلىرى تاماق تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئاھلۇلبايت» ئاگېنتلىقى شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاخبارات قانىلى بولۇپ مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ يەنە مەخسۇس تېلېۋىزىيىسى قانىلىمۇ بارر.