يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى، سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق 10 ئورۇن بىرلىكتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى مېتال ۋە مېتاللوئىد كانلارنى تەرتىپكە سېلىش ھەققىدە تەدبىر لايىھىسى تۈزگەن.
لايىھىدە رۇخسەتسىز ئېچىلغان ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىۋاتقان كانلارنى تاقاش تەشەببۇس قىلىنغان؛ ئەمما تاقاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇددىتىنى 2015 -يىلى يىل ئاخىرىغا قەدەر قىلىپ بېكىتكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قانۇنسىز كانلارنى تاقاشتىكى بۇ خىل ئېغىر-بېسىق قەدىمى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، كان بايلىقلىرىنى رۇخسەتسىز ۋە قالايمىقان ئېچىش، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇھىتى ۋە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى رىزقى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان قىلمىشلاردىن بىرى.
مەلۇم بولۇشىچە، كانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىلا خىتاي كۆچمەنلىرى. ئەنە شۇلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا مۇھىت ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپلا قالماي، مىڭلىغان يەرلىك ئاھالىلەر يايلاقلىرىدىن ۋە چارۋا ماللىرىدىن ئايرىلىپ سەرسانلىققا دۇچ كەلگەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ھەسەن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي مەكتەپلەرنى تاقاشتا تۇتقان تەخىرسىز ۋە جىددىي پوزىتسىيىسىنى، قانۇنسىز كانلارنى تاقاشتا كۆرسەتمىگەنلىكىنى «خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمۇش ۋە ئۇلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش» دەپ تەنقىد قىلدى.