چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى توغرىلىق يىغىن ئېچىلىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئۇيغۇر دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى تەلەپ قىلىندى.
ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش ۋەخپى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان مەزكۇر يىغىن، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، 7-ئاپرېل كالىفورنىيە شتاتىنىڭ رانچو مىراج بازىرىدا ئۇچرىشىپ، شىمالىي كورېيە، تور بىخەتەرلىكى، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ھارپىسىدا ئېچىلغان.
يىغىندا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سىياسەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى دوكتور سكوت فىلىپس سۆز قىلىپ، بۇ يىغىن ئاقساراي ۋە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا-خىتاي سۆھبىتىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شجېيفىىىىسكىي، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىنىي ئېتىقادىنى باستۇرۇشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
«خىتاينىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىنىي ئەركىنلىكى» ناملىق بۇ يىغىندا يەنە، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى فەي گرېگ، ئەركىنلىك سارىيىنىڭ پروگرامما درىكتورى سيۇ گۇۋاردېنا ۋائۇن، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل خادىمى سوفىيە رىچاردسون، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۇئىسا گرېۋ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ خادىمى ئەمىي رېگېر قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى.
