2-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە يېتەكچى بولىدىغان ئىجرائىيە بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر بۇيرۇقتا دونالد ترامپ دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ئامېرىكادىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەركىنلىك ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن دۇنيا مىقياسىدىكى بارلىق دىنىي ئەركىنلىك ھەقلىرىنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە ئالدى بىلەن نەزەرگە ئېلىنىدىغان ئامىل بولۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
سەككىز بۆلۈمگە ئايرىلغان مەزكۇر پرېزىدېنت بۇيرۇقى خەلقئارالىق مەنىدىن تارقىتىلغان. ئۇنىڭدا تەپسىلىي قىلىپ بارلىق دىنىي جامائەت ۋە دىنىي مۇئەسسەسەلەرنىڭ دەخلى-تەرز قىلىشقا بولمايدىغان مۇقەددەس ھەقلەر ئىكەنلىكى، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك خىزمىتى ئۈچۈن ئاجرىتىلىدىغان مەبلەغنىڭ كۆپەيتىلىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكنى ئامېرىكا دىپلوماتىيىسى بىلەن مۇجەسسەملەشتۈرۈش لازىملىقى ھەمدە مالىيە مىنىستىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلىگەن دۆلەتلەرگە قارىتا «يەرشارى ماگنېتىسكى قانۇنى» ۋە باشقا جازا تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بۇنىڭغا قوشۇمچە ھالدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ 180 كۈن ئىچىدە خەلقئارا دىنيي ئەركىنلىكنى ئالغا سۈرۈش ھەققىدىكى تەپسىلىي پىلان لايىھەسىنى تەييارلايدىغانلىقى ئېيتىلغان.
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى مەزكۇر پرېزىدېنت بۇيرۇقىنى قىزغىن ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كومىتېت رە'ئىسى تونىي پېركىنس بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «بىز پرېزىدېنت ترامپنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى سىياسەت ساھەسىدىكى مۇھىم ئامىللار قاتارىغا تىزغانلىقىنى قىزغىن قوللايمىز» دېدى. مەزكۇر كومىتېت يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دۇنياۋى مىقياستا دىنىي ئەركىنلىكنى ئالغا سۈرىدىغان بىر ئومۇمىي ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىشقا دەۋەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت بۇيرۇقىنىڭ تارقىتىلىشى دەل مۇشۇ چاقىرىققا قايتۇرۇلغان جاۋاب تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشتىكى ئەڭ قەبىھ دۆلەتلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر بۇيرۇقنىڭ بۇ جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە يېڭى ھاياتى كۈچ ئېلىپ كېلىشى ئۈمىد قىلىنماقتىكەن.