ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى سودا تەمىنات زەنجىرى ھەققىدە تەۋسىيە» نى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.07.02

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خەزىنە مىنىستىرلىقى، سودا ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تايىنىۋاتقان تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدىغان سودا تەمىنات زەنجىرى ھەققىدىكى قارارىنى مۇھىم قەدەم، دەپ ئاتىدى.

1-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا «شىنجاڭدىكى سودا تەمىنات زەنجىرى ھەققىدە تەۋسىيە» ناملىق زور ھەجىملىك ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىلىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان تەمىنات زەنجىرىدىن ھوشيار بولۇشقا چاقىرغان. تەۋسىيەنامىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا يۆتكەپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىغا ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكادىكى سودا شىركەتلىرى، ئىلمىي تەشكىلاتلار، شەخسلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇ خىل زۇلۇملارغا شېرىك بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن خىتاي شىركەتلىرى بىلەن سودا قىلىشتىن ئىلگىرى ئاشۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن قانچىلىك باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش لازىملىقى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىرى نۇرى تۈركەل ۋە گارىي باۋىر قاتارلىقلار باياناتتىكى سۆزىدە يۇقىرىقى قارارنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەر ئۇچراۋاتقان زامانىۋى قۇللۇققا قارشى كۈرەش يولىدا ئېلىنغان مۇھىم قەدەم. سودا تەمىنات زەنجىرى ھەققىدە تەۋسىيە نەتىجىسىدە ئامېرىكا شىركەتلىرى ئەمدى تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆرمەسكە سالالمايدۇ،» دېدى.

ئۇلار باياناتىدا يەنە ئامېرىكادىكى 4 مىنىستىرلىق بىرلىكتە چىقارغان بۇ قارار ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى نامايان قىلغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى زور تىجارەت ساھەسىنى، بولۇپمۇ داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىسى ۋە پارچە ساتقۇچىلارنىمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان سىياسەتلىرى، دىنىي باستۇرۇشى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى داۋام قىلىشىغا يانتاياق بولماسلىققا چاقىردى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو بۇ ھەقتە تىۋىتتېردىكى ئۇچۇرىدا يۇقىرىق قارارنى قوللاش بىلەن بىرگە، ئۆزى تونۇشتۇرغان «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش قانۇنى لايىھەسى» نىڭ دەرھال ماقۇللىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.