27-ئۆكتەبىر «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كۈنى» دە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى تەكىتلەندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.10.28

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 27-ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ دۇنيا مىقياسىدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئىنسانىيەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى قوغداشلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم نوقتا، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىكنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ھەربىر ئادەمگە بېرىلگەن تەبىئىي ھوقۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن باياناتىدا، ئۆزىنىڭ بۇ كۈندە بارلىق ئېتىقادچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا، تىبەتلەرگە قارىتىلىۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىكنىڭ ئاياقلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 26-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىلىكىگە نامزات كۆرسىتىلگەن راشاد ھۈسەيىننى باھالاش ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىلغان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىدىكى يىغىندا نامزات راشاد ھۈسەيىن خىتاي بىلەن بولىدىغان دىپلوماتىك ياكى ئىقتىسادىي سۆھبەتلەردە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىنىڭ ھەرگىز قۇربانلىق قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەرگەن.

ئۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: «خىتاي دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىكنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ بىرى» دېگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارغا، تىبەت بۇددىستلىرىغا، خىتاي خىرىستىيانلىرىغا ۋە فالۇنگۇڭ مۇرتلىرىغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ خىتايغا يەنىمۇ كۆپ بېسىم قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئاخىرىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى كېرەكلىكىنىمۇ ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.