رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە بىر قول ھۈنەرۋەنلىك كەسپىدە تەلىم ئېلىۋاتقان جەمىلە ھاجى قانۇنسىز دىنىي تەلىم ئېلىش ۋە قانۇنسىز دىنىي كىتابلارنى ساقلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان.
ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن جەمىلە ھاجى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن يۇرتى ئاتۇشقا يۆتكەپ كېتىلگەن. خىتاينىڭ ئاتۇشتىكى دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى جەمىلە ھاجىنىڭ ئائىلىسىگە ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ۋە قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.
مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىك ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىچە، جەمىلە ھاجى ئاتۇشنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسى بايساق كەنتىدىن ئىكەن. كەنت مەسئۇللىرى مۇخبىرىمىزغا جەمىلە ھاجىنىڭ تۇتۇلغانلىق ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، نورمالدا بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئۆزلىرىگە بىلدۈرۈلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۈستۈن ئاتۇش يېزىلىق ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى، ئەينى ۋاقىتتا يېزىنىڭ دۆلەت ئامانلىق خادىمى مۇختەر، جەمىلە ھاجىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
يەنە رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشى داۋامىدا جەمىلە ھاجىنىڭ يېنىدىن تېپىلغان ئاتالمىش قانۇنسىز كىتابلار قاتارىدا قارىمايلىق بىر ئايال يازغۇچى يازغان «تەسىرات»ناملىق كىتابنىڭ تېپىلغانلىقى بايان قىلىنغان؛ ئەمما مەزكۇر كىتابنىڭ مەزمۇنى ۋە ئاپتورنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.
