ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر كومىتېتى 12-ئۆكتەبىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ بىرلا ۋاقىتتا رۇسىيە ۋە خىتايغا قارشى ئىككى سەپتە ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىيەت كومىتېتى» نىڭ 145 بەتلىك دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، شۇڭا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىشى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۈچەيتىشى، يادرو قوراللىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشى، خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئۇرۇش پارتلاپ قېلىشقا تەييارلىق قىلىشى كېرەك ئىكەن.
بۇ دوكلات ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى تەيۋەن ۋە باشقا مەسىلىلەر سەۋەبىدىن، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دوكلاتنى تەييارلاشقا قاتناشقان بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يادرو قوراللار ساھەسىدە ھەمكارلاشقانلىقىغا ئائىت ھەرقانداق بىر ئىستىخبارات ھەققىدە سۆز قىلمىغان بولسىمۇ، «لېكىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مەلۇم شەكىلدىكى ئۆز-ئارا ماسلىشىشنىڭ بولۇشىدىن…. . ئەندىشىدە قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. بۇ ئەمەلدارنىڭ كۆرسىتىشىچە، «بۇ، ئامېرىكانى ئىككى سەپتە ئۇرۇش قىلىش ۋەزىيىتىگە چۈشۈرۈپ قويىدىكەن».
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ دوكلاتى ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ پات يېقىندا «يادرو قوراللار سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى» دىن چېكىنىشنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئېلان قىلىنغان.
ھەربىي كۆزەتكۈچىلەر ئەگەر رۇسىيە بۇ شەرتنامىدىن چېكىنىپ چىقسا، بۇ رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ يادرو سىنىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋەرلىرىدە، يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ لوپنۇر يادرو سىناق مەيدانىدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى، بۇ، خىتاينىڭ يادرو سىنىقىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يادرو قوراللار تەھدىتى 2027-يىل بىلەن 2035-يىلى ئارىسىدا تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىكەن. شۇڭا، ئامېرىكا ھازىردىن باشلاپ بۇنىڭغا «تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك» ئىكەن.