26-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى» ناملىق ماقالىسى ھىندىستاندا چىقىدىغان «باشلامچى» گېزىتىگە بېسىلغان.
ماقالىدا «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» نىڭ قانداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشتە مەيدانغا كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە يەتمەكچى بولغان ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ۋە بۇ قۇرۇلۇشقا سالغان ھېسابسىز مەبلىغى قاراپ چىقىلغان.
ماقالىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى ئۇيغۇر مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ مەزكۇر ئىقتىسادىي كارىدورنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بۇ «توسالغۇ» نى يوق قىلىشقا قانداق ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى پاكىتلار ئارقىلىق بايان قىلىنغان.
مەزكۇر ماقالىدە خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى ھەربىيلەشتۈرۈشى؛ ئاز تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆپ تەرەپلەرنى قۇربانلىق قىلىۋاتقانلىقى؛ مۇھىتقا ئېغىر خىرىس ئېلىپ كەلگەنلىكى شۇنداقلا رايونغا زور تۈركۈمدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ، يەرلىك خەلقنى تېز سۈرئەتتە ئېرىتىپ تۈگىتىش پىلانىنى ئىشقا كىرىشتۈرىۋاتقانلىقى قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەر پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
كۆزەتكۈچىلەر، دولقۇن ئەيسانىڭ مەزكۇر ماقالىسىنىڭ خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا كرىزىسى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە ھىندىستان گېزىتىدە ئېلان قىلىنىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ، ھىندىستان خەلقىگە خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن بىرلىشىپ ئويناۋاتقان سىياسىي ئويۇنلىرىنى ئېچىپ كۆرسىتىشتە بەلگىلىك تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قارىماقتا.