بېيجىڭدىكى خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى شۆھرەت نىجات بۇ يىل 6-ئايدا خىتاي دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئەپ كېتىلىپ، 28 سائەت سوراق قىلىنغان ئىدى.
ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ياتاقدىشى ئۇيغۇر بىز تورىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ياتاققا كىرىپ، شۆھرەتنى ۋە ئۇنىڭ كومپيۇتېرىنى ئەپ كەتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. بۈگۈن، شۆھرەت نىجات ئۇيغۇر بىز تورىدا ئۆزىنىڭ 28 سائەت سوراق قىلىنىش جەريانىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلغان.
ئۇ ماقالىسىدە، ئۆزىنى سوراق قىلغان ئامانلىق خادىملىرى ئىچىدە ئېلى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن ئۇيغۇر بىز تورى ۋە بۇ توردا ئىشلەيدىغانلار ھەققىدە سوئاللارنى سورىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تەھدىت قىلغانلىقىنى، قورقۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئايرودرومىدا يوقاپ كەتكەن مۇتەللىپ ئىمىننىڭ ئەھۋالىدىنمۇ قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بېيجىڭدىكى تور باشقۇرغۇچىسى شۆھرەتنىڭ ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە يەنە، خىتاي دۆلەت ئامانلىقنى قوغدىغۇچى خادىملىرى يەنە ئۇنىڭدىن ئۇيغۇربىز تورىنىڭ مەخپىي شىفىرىنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى مۇخبىرلار بىلەن قانداق ئالاقىسى بارلىقىنى سورىغان.
ئۇيغۇربىز تورى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. يېقىندىن بۇيانقى خەۋەرلەردىن ھازىر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر تور بەت ئۈستىدىكى تەقىپىنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.