«ئا ق ش نىڭ 2017-يىللىق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى» ئېلان قىلىندى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 18-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى (ئا ق ش ) نىڭ 2017-يىللىق «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى»نى ئېلان قىلدى. 68 بەتلىك بۇ ھۆججەتتە ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە دۇچ كەلگۈسى ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە خىرىس پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى ئېنىق كۆرسەتكەن.

دوكلاتتا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچ-قۇۋۋەت ساھەلىرىدىكى يېتەكچى ئورۇننى تالىشىش كۈرىشىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. شۇنىڭدەك مۇتەخەسسىسلەر بۇنى دونالد ترامپنىڭ «ئامېرىكا بىرىنچى» شوئارىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىنكاسى، دەپ قارىغان. ھۆججەتتە ئېنىق قىلىپ «خىتاي ۋە رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ قۇدرىتىگە، تەسىرىگە ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە خىرىس قىلماقتا. شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە گۈللەپ ياشنىشىنى بەربات قىلىشنىڭ كويىغا چۈشمەكتە» دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا خوجا بولۇۋېلىش نىيىتىنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.

مەزكۇر ھۆججەتتە ئوباما دەۋرىدە ئىشلىتىلىشتىن توختىغان «جىھادى» كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق تەھدىتلىرى ھەققىدىكى ئىبارىلەر يېڭىۋاشتىن ئورۇن ئالغانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىمالىي كورېيە قاتارلىق «لۈكچەكلەر ھاكىمىيىتى» نىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن قانداق تەھدىت ئىكەنلىكىمۇ تەپسىلىي شەرھلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئا ق ش نىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى» نى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قەرەللىك ھالدا تەييارلاپ چىقىدىغان بولۇپ، بۇ ئادەتتە شۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي خىزمەت يۆنىلىشىگە ئاساس بولىدىكەن.