ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ھەققىدىكى يېڭى تەلەپلەرگە دۇچ كەلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق تەھدىت، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل پىكىر ئېقىمىنى ھىمايە قىلغۇچىلار 2023-يىلى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي ھەققىدىكى يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى.

خىتاينىڭ ئىقتىساد، ھەربىي ۋە ئىستراتېگىيە مەسىلىلىرى بويىچە تەھدىتكە ئايلىنىۋاتقانلىقى، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق دۇنيانى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى كۆپ قىسىم سىياسىيونلارنى ئەندىشىگە سېلىپ كېلىۋاتقانىدى. 10-يانۋار كۈنى بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى كېۋىن ماككارتىي (Kevin McCarthy) تەسىس قىلىشقا ۋەدە بەرگەن خىتاي ھەققىدىكى كومىتېت ھەمدە بۇ كومىتېت ئارقىلىق يولغا قويۇلماقچى بولغان ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت مەسىلىلىرى ھەققىدىكى سوئاللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«فوكۇس خەۋەرلىرى» نىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېڭىدىن قۇرۇلۇش ئالدىدىكى بۇ كومىتېتنىڭ نىشانى «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىقتىساد، تېخنولوگىيە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى تەپتىش قىلىپ تۇرۇش، شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە قەرەللىك يوسۇندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سىياسىي تەكلىپلەرنى يوللاپ تۇرۇش» بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزكۇر كومىتېت سىياسىي تەكلىپنى 2023-يىلىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە تاپشۇرۇپ بولۇشى، 2024-يىلىنىڭ ئاخىرى بۇ ھەقتىكى تولۇق دوكلاتنى ئېلان قىلىشى شەرت ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كۆپلىگەن جۇمھۇرىيەتچىلەر نۆۋەتتە خىتاينى ئامېرىكا ئۈچۈن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ پەيدا قىلغۇچى ئاساسىي كۈچ، دەپ قاراشقا باشلىغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى كېۋىن ماككارتىي بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرىكى ۋەزىپە قوبۇل قىلىش يىغىنىدا خىتايغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ئىشچىلار قوشۇنىغا يېڭى پۇرسەتلەرنى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن بىز ئىككى پارتىيەدىكىلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىدا بىر كومىتېت تەسىس قىلىمىز ھەمدە قانداق قىلىپ مىڭلىغان خىزمەت پۇرسەتلىرىنى خىتايدىن ئامېرىكا تەۋەسىگە كۆچۈرۈپ كېلىشنىڭ يولىنى قىلىمىز» دەپ ئالاھىدە كۆرسەتكەن.