ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئامېرىكانىڭ داڭلىق شىركەتلىرىنى خىتايغا بېقىنىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرماقچى بولغان

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بۇ ھەپتە ئامېرىكانىڭ دۇنياغا داڭلىق شىركەتلىرى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قايتا قاراپ چىقىشقا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدىكەن.

«ياخۇ ئىقتىساد خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گالىگېر (Mike Gallager) باشچىلىقىدىكى مەجلىس ئەزالىرى ئۆمىكى ھوللىۋود ۋە كىرىمنى جىلغىسى ئىقتىسادىي رايونىغا بېرىپ، دىسسىنىي ۋە ئالما شىركىتىنىڭ خوجايىنلىرىنى خىتايغا بەك تايىنىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدىكەن ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدىكەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى، شىركەت مەسئۇللىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىسلاھات خاراكتېرلىك بىر ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ئۆمىكى كالىفورنىيەدە ئېلىپ بارىدىغان بۇ ئۈچ كۈنلۈك پائالىيىتىدە، دىسسىنىي شىركىتى ئىشلىگەن «خۇا مۇلەن» فىلىمى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئاچىدىكەن. بۇ فىلىم ئۇيغۇر رايونىدا، ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنغان لاگېر ئەتراپىدا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن قانداق ھەمكارلاشقانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدىكەن.

مەزكۇر ئۆمەك يەنە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە گوگول، ئالما، مىكروسوفت شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىش، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش، تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتايغا تايىنىپ قېلىش ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قېلىش مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

ئالدىنقى ئايدا تىك-توك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى جوۋ شوۋزى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، تىك توكنىڭ خىتايغا ئۇچۇر تەمىنلىمىگەنلىكىنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنىدى. بۇ ئەھۋال ئامېرىكانىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا كۆرۈنەرلىك ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم.