دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى: NBA توپچىلىرى خىتايدىكى «مەجبۇرىي ئەمگەك» تىن بەھىرلىنىۋاتىدۇ

«پولىتىكو» (POLITICO) تورى 29-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىدىكى ئون نەچچە چولپاننىڭ يېقىندا دۆلەت مەجلىسى بىلەن قارشىلىپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بەزى NBA توپچىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى پاختا تەمىنلەش زەنجىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغان خىتاينىڭ تەنتەربىيە كىيىم-كېچەك شىركىتى ئانتا (Anta) ۋە لى نىڭ(Li-Ning) بىلەن توختام ئىمزالاشقا ناھايىتى قىزىقىدىكەن.

ترامپ ھۆكۈمىتى 1-ئايدا ئۇيغۇر رايونى بىلەن چېتىشلىق بولغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن ئىدى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى سكوت پېررىي «پولىتىكو» تورنىڭ زىيارىتىدە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكالىقلار ئىنسانلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق پايدا ئالىدىغان شىركەت بىلەن سودا قىلالمايدۇ ۋە قىلماسلىقى كېرەك. بۇ NBA توپچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلار مەجبۇرى ئەمگەككە چىتىشلىق بولغان شىركەتلەر نىڭ توختامىغا ئىمزا قويسا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئالسا بولمايدۇ.».

ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋە دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەمېس مەكگوۋېرن قاتارلىقلار دۆلەتلىك ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى (NBPA) رەئىسى كرىس پائۇل بىلەن ئىجرائىيە دىرېكتورى مىشېل روبېرتىسقا مەكتۇپ يوللىغان. مەكتۇپتا NBA توپچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىيىم-كېچەك شىركىتى ئانتا، لى نىڭ، پېك (Peak) بىلەن توختام تۈزگەنلىكىنى، مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار بىرلەشمە رەئىسىگە چاقىرىق قىلىپ، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى نەزەردە تۇتۇپ، NBA توپچىلىرىنىڭ يۇقىرىقى شىركەتلەر بىلەن توختام تۈزمەسلىكىگە ۋە تۈزگەن توختامنى بىكار قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.