ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشنى دۆلەت مۇداپىيە خامچوت قانۇنىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ پارتىيە ھالقىغان بىر گۇرۇپپا ئەزاسى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا دائىر قانۇن تۈزىتىش لايىھەسى تەييارلاپ، ئۇنى ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوت قانۇنىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن تۈزىتىش لايىھەسىدە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا قاتنىشىشى چەكلەنگەن، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھازىرقى مەۋجۇت كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىلغان.

ئ‍ەگەر جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى مىت رومنېينىڭ باشچىلىقىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ لايىھە ماقۇللانسا، ئۇ ئامېرىكانىڭ 2022-يىللىق دۆلەت مۇداپىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدىكەن. بىراق قانۇن تۈزىتىش لايىھەسىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكا تەنھەركەتچىلىرىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتى، مىيىپلار ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىنى پۇل بىلەن تەمىنلىشى چەكلەنمىگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىت رومنېي بۇ خىل بايقۇت قىلىشنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىغا دائىر قىلغان سۆزىدە، «بۇ خىل بايقۇتنىڭ ئامېرىكا تەنھەتكەتچىلىرىگە ئەمەس، خىتاي كومپارتىيەسىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

بۇ قانۇن تۈزىتىش لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ دېموكراتلاردىن بولغان ئەزاسى تىم كېين، ئېد ماركېي ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان ئەزاسى تود يوڭ قاتارلىقلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بىراق بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئاقساراي ئىلگىرى بۇ مەسىلىگە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.