ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سايلام ئۆتكۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەتنى بېكىتىپ چىقىدۇ.
خىتاي ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونىدىكى 5 نامزات دۆلەتنىڭ بىرى بولغاچقا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم خەلقئارا ئورگانلار ئىلگىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتايغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ئېغىر مەسىلە بار بىر دۆلەتنىڭ كېڭەشكە ئەزا بولۇش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۈگۈن يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىمۇ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى دانا روراباچېر بۇ ھەقتىكى سۆزىدە خىتايدا مەزكۇر كېڭەشكە ئەزا بولۇش سالاھىيىتىنىڭ قەتئىي يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ «خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈمى شۇنداقلا ئۇنىڭ پۇقرالار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىمىنى ۋە ئوخشىمايدىغان سىياسىي قاراشلار ۋە دىنىي ئەركىنلىككە قىلىۋاتقان ھۇجۇمىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇنداق بىر دۆلەتنى ئەزا قىلىپ قويۇش كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىگە قىلىنغان ھاقارەت» دېگەن.
بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مادېلىن ئالبىرايت خانىممۇ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزىدە «خىتايدا يېقىندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، ئاخبارات ئورگانلىرىغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى ئادەمنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ» دېگەن شۇنداقلا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئالبىرايت خانىم يەنە، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتلەر ئىنتايىن قويۇق بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇشىغا توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاساسىي قىممەت قارىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.