ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى خىتايغا قارشى «ئولىمپىك مەھبۇسلىرى» ناملىق ھەرىكەت باشلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 2-دېكابىر كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايغا قارشى «ئولىمپىك مەھبۇسلىرى» ناملىق ھەرىكەت باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەرىكەت بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھارپىسىدا خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانىكەن. بۇ ھەرىكەت خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىشى سەۋەبلىك بېيجىڭ قىلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش چۇقانلىرى كۈچىيىۋاتقان، بەزى دۆلەتلەر دىپلوماتىك بايقۇت ئېلان قىلغان بىر ۋاقىتتا باشلانغان.

مەزكۇر كومىتېتىنىڭ باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇلار تۋىتتېر ۋە ئىنستېگرام ئارقىلىق تۇنجى تۈركۈمدە تۈرمىدىكى ژۇرنالىستلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. باياناتتا، كېيىنرەك تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خرىستىئانلار ۋە فالۇنگوڭچىلارنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان 1500 دىن ئارتۇق دېلونى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2-دېكابىر كۈنى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مىكگوۋېرىن بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي سۆز قىلىپ، كىشىلەرنى بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىشقا چاقىرغان.

ئۇلار مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىكنى بۇلغىدى. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، بۇ جەلپكارلىقنىڭ ئارقىسىدىكى كىشى پەقەت بىر شەخس. بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز زېھنىمىزنى بۇ شەكىلۋازلىققا مەركەزلەشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئولىمپىكنى تەبرىكلىيەلمەيدىغان ھەقىقىي كىشىلەرگە قارىتىشتۇر. چۈنكى، ئۇلار ئولىمپىكنى ئۆتكۈزگەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئادالەتسىز تۈرمىگە تاشلانغان. بىز كۆپچىلىكنىڭ بىرلىشىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى، ئۇلارنىڭ ئولىمپىك روھىغا چاپلىغان داغنى ئازايتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».