پېنتاگون تۇنجى «دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىستراتېگىيەسى» نى ئېلان قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.01.12

پېنتاگون( بەش بۇرجەكلىك بىنا)، يەنى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۇنجى «دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىستراتېگىيەسى» نى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ مۇداپىئە سانائىتى رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش رىقابەتچىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زور ئۆزگىرىشكە موھتاج» دەپ تەكىتلىگەن.

مۇداپىئە خەۋەرلىرى تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ھەرىكەتكە چاقىرىش» دەپ ئاتالغان بۇ ئىستراتېگىيەدە ئامېرىكانىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتكە كۆرە مۇداپىئە سېپى قۇرۇشى ئۈچۈن تەۋسىيەلەر سۇنۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئامېرىكا ھېلىھەم دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار قوراللارنى ئىشلەپچىرىقىرىۋاتقان دۆلەت بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھازىرقى رىقابەتكە تولغان دۇنياغا نىسبەتەن يېتەرلىك ئەمەس. ئەۋزەللىكىمىزنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۇلارنى سۈرئەت بىلەن ۋە كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك» دېيىلگەن.

ھۆججەتتە يەنە ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىسى بولغان خىتاينىڭ «يېقىنقى 30 يىلدا، پاراخوت ياساشتىن ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار ۋە مىكرو ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىغىچە بولغان نۇرغۇن مۇھىم ساھەدە يەرشارى سانائەت كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلانغانلىقى» ئەسكەرتىلگەن ۋە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ھەربىي مۇداپىئە سانائىتىنى كۈچەيتىش، بۇ ساھەدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ كەسىپ ئەھلىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە ئامېرىكىنىڭ شېرىك دۆلەتلىرى بىلەن تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تەكلىپلەر سۇنۇلغان.

يۇقىرىدىكى بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى دەل بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئىككى يىل ئارىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشكەندىن كېيىنگە توغرا كەلگەن.

8-ۋە 9-يانۋار كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى مايكېل چەيس بىلەن خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى خەلقئارا ھەربىي ھەمكارلىق بۆلۈمى مۇئاۋىن مۇدىرى گېنېرال مايور سۇڭ يەنچاۋ بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يىغىن ھەققىدىكى باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ھەربىي رەھبەرلىرىنىڭ «رايون ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئالاقىسىنىڭ ئوچۇق لىنىيەسىنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى» تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.