ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھېيگىل، خىتاي بىلەن تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ھەققىدە سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.05.31

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھېيگىل، سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا بىخەتەرلىك يىغىنىدا خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي توربۇزارلىرىنىڭ ئامېرىكا تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى توغرىلىق سۆزلىشىدىغانلىقى ۋە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھېيگىل خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە بىر تور بىخەتەرلىك «يول خەرىتىسى» تۈزۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكا تور سىستېمىسى دۇچ كەلگەن خەۋپنى يەڭگىللىتىشكە تىرىشىدىكەن.

ئۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى بۇنى تۈزۈملەشتۈرۈش، دېگەن.

ھېيگىل يەنە، ش ئا ئو ئە ت نىڭ كېلەر ھەپتە ئېچىلىدىغان مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، تور بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا مۇداپىئە پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ يېقىندا تەييارلاپ، دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان دوكلاتىدا، خىتاي توربۇزارلىرىنىڭ بىر قىسىم ئامېرىكا ھەربىي قورال-ياراق سىخېمىسىنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى چاك ھېيگىلنىڭ سۆزىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ چاك ھېيگىل بىلەن كۆرۈشكەندە، تور بىخەتەرلىكنى «سوغۇق قانلىق بىلەن» سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى توربۇزارلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ۋە كارخانا تور سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، توربۇزارلىرىنىڭ ھەربىي تەرەپ ئالاقىسى بارلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.