خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخىنى قايتا شەرھلەشتە تېخىمۇ رادىكال پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ يۈرگۈزۈلگەن «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ ھالقىلىق پارچىسى بولغان «دۆلەت ئورتاق تىلى» نى ئىشلىتىش، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاينىڭ تارىختىكى خەن دەۋرىدىن باشلانغانىكەن. بۇ، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا خەن دەۋرىدىن باشلاپ خىتايچە بىر تۇتاش باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ ئوقۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىن كېيىن، ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر دىيارى تارىخىنى قايتا شەرھلەشكە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر رادىكال قارىشىدۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاۋازى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» 12-ئاپرېل ئوبزور ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئىشلىتىشى، غەربىي خەن سۇلالىسىدىن بېرى خىتاي تىلىنىڭ بۇ رايوندا تارقىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئاساسقا قۇرۇلغان» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. ھالبۇكى، تارىخشۇناسلار ۋە ئارخېئولوگلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىختا كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر ئۇچراشقان يىپەك يولى تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى، شۇڭا بۇ رايوندىن كارۇشتى، ساك، تۇخار، سوغدى، سۇريانى ۋە قىسمەن خىتايچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل تىل-يېزىقلارنى تېپىلىشى نورمال بولسىمۇ، ئەمما «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇنى ھازىرقى زامان ئۇقۇمى بولغان «ئورتاق دۆلەت تىلى» غا باغلاپ چۈشەندۈرۈشى ھېچقانداق ئىلمىي ۋە رېئال ئاساسى بولمىغان «بىنورماللىق» دەپ قارىماقتا. لېكىن «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئوبزورىدا تەكىتلىنىشىچە، «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق تونۇشى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئۆتكىلى» بولۇپ، «خىتاي تىل-يېزىقىنىڭ غەربىي دىياردا كەڭ تارقىلىشى، ئۇنىڭ ئورتاق تىلغا ئايلىنىشى غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە باشلانغان» ئىكەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا، خىتاي تىلىنى «دۆلەت ئورتاق تىلى» نامىدا مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر تىلىنى رايوننىڭ ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ سىستېمىسىدىن سىقىپ چىقارغان، ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنى بوغۇپ تاشلىغانىدى.