خىتاي دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى جىددىي ئوقۇتۇش چىقىرىپ، قانۇنسىز ۋە مەجبۇرىي يەر ئىگىلەشنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇش «خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» نىڭ چارشەنبە كۈندىكى سانىدا بېسىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇش خىتايدىكى كۆپلىگەن نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغان يەر ئىگىلەش جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىشكە قارىتىلغان ئىكەن.
ئۇقتۇرۇشتا يەرلىك ھۆكمەتلەر يەر ئىگىلەش باسقۇچىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا چاقىرىلغان. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: قانۇنسىز ۋە مەجبۇرىي يەر ئىگىلەش قىلمىشلىرى قاتتىق جازالىنىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى يەر مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ دېھقانلارنى تېرىلغۇ يەر ۋە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلاش ھادىسىسى يېقىنى يىللاردىن بېرى تېخىمۇ ئومۇملاشقان. كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا يەر ئىگىلەش كەلتۈرۈپ چىقارغان نارازىلىق يىلغا 90 مىڭ قېتىمغا يېتىدىكەن.
خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى مەجبۇرىي ئىگىلەش قىلمىشلىرى 2010-يىلدىكى «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن تېخىمۇ كېڭەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. شۇندىن كېيىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەر، ئۆي-مۈلۈك ۋە مېۋىلىك باغلىرىدىن ئايرىلغانلىقى رادىئومىزدىمۇ كۆپ خەۋەر قىلىنغان.
ھالبۇكى، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى چۈشۈرگەن بۇ قېتىمقى بۇيرۇقنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ ئەۋج ئالغان قانىسىز يەر ئىگىلەش قىلمىشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.