«ھىندىستان ئاسىيا ئاگېنتلىقى» 29-دېكابىر ئېلان قىلغان بىر زىيارەت سۆھبىتىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ھىندىستاننىڭ خەلقئارادا زور تەسىر كۈچكە ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتنى توسۇشقا ئارىلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھىندىستاندەك بىر كۈچلۈك دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاپ قالماسلىقىنى، خىتاينىڭ جىنايىتىگە سۈكۈت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسۇشقا ئارىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دولقۇن ئەيسا مۇخبىرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا سولىنىشى، دىنىي زاتلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى، قەبرىلەر ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ يوقىتىلىشى، ئەۋلاتلارنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشى، لاگېردىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دەھشەتلىك قىيىن-قىستاقلار، مېڭە يۇيۇشلار، قۇل قىلىشلار، ئاياللارغا سېلىنغان زۇلۇم، ئۇيغۇر نوپۇسىنى تېز سۈرئەتتە ئازلىتىش قاتارلىق قەبىھ جىنايەتلەرنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدىغان بۇ جىنايەتلەرگە دائىر دەلىل-ئىسپاتلار كۆپلەپ ئاشكارىلىنىۋاتقان بولسىمۇ كۆپ قىسىم دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تۈركىيە قاتارلىق مۇسۇلمان ئەللەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرمىگەنلىكى، ھەتتا خىتاينى قوللىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي داۋاسى كۈچۈن ئىزچىل كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، لاگېرلارنى تاقاش، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، 2022-يىل خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئۆز كەچمىشلىرى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە توختىماي ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، چەت ئەلدە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلسا، خىتاينىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
ئاخىردا ئۇ «ئۇيغۇر دەۋاسىدا سىز ھىندىستان خەلقىدىن نېمىلەرنى ئۈمىد قىلىسىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «ھىندىستان خەلقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى رىشتىسى كۈچلۈك. ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمدىن خەۋەردار. ئەپسۇسكى، ھىندىستان ھۆكۈمىتى تا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. دۆلەتنىڭ چوڭلۇقى ۋە ئىقتىسادىي كۈچ جەھەتتىن، ھىندىستاننىڭ خەلقئارادا تەسىرى چوڭ؛ ھىندىستاننىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.