دونالد ترۇمپ خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدىكى تىجارەت تەڭپۇڭسىزلىققا قارىتا تەدبىر ئېلىنىشى كېرەك، دېدى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترۇمپ چارشەنبە كۈنى قىلغان بىر سۆزىدە، ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى تىجارەت تەڭپۇڭسىزلىق ئۈستىدە توختالغان.

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، دونالد ترۇمپ ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى تىجارەتتە ئامېرىكىنىڭ زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتايدىن ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقان ماللارغا 45 پىرسەنت باج قويۇلۇشى كېرەك، دېگەن. سۆزىدە، ئەگەر ئۆزى پرېزىدېنت بولغان تەقدىردە، مەخسۇس ۋەكىل بەلگىلەپ، ئامېرىكا شۇنداقلا دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا خىتايغا قارشى بىر دېلو تۇرغۇزۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2015 ‏-يىلى ئېلان قىلغان ئىستىلىستىكىسىدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىدە تارتقان زىيىنىنى 367 مىليارد دوللار، دەپ ئېلان قىلغان. ئامېرىكا كۆپ قېتىم دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاي شەكىللەندۈرۈۋاتقان سودا تەڭپۇڭسىزلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان ئىكەن.

دونالد ترۇمپ بۇندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە جىددىي تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە «ئامېرىكادا مەيلى كىم پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشىدىن قەتئىينەزەر خىتايغا قارىتىدىغان كېلەچەك سىياسەتلىرىمىزدە ئالدى بىلەن ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.