ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سۆزلىرى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئېچىشقان يارىسىغا داۋاملىق تۈردە تۇز چاچماقتىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، دونالد ترامپنىڭ ئاقسارايغا كىرىش ھارپىسىدا خىتاي توغرىلىق جامائەتكە ئاشكارىلىغان بىر يۈرۈش سۆز-ھەرىكەتلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتى، خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى كۈنى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى خەلقئارا سۇ رايونىدا چۆكۈپ كەتكەن ئادەمسىز چارلاش ئۈسكۈنىسىنى ئوغرىلاپ كەتكەن.
خىتاي تەرەپ بۇنىڭ پۈتۈنلەي مەزكۇر سۇ رايونىدىكى پاراخوتلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بولغانلىقىنى، ئادەمسىز چارلاش ئۈسكۈنىسىنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بىز خىتايغا شۇنى ئەسكەرتمەكچىمىزكى، بىزگە ئۇلار ئوغرىلاپ كەتكەن ئادەمسىز چارلاش ئۈسكۈنىسى ئەمدى لازىم ئەمەس. ئۇلار ئۇنى داۋاملىق بېقىۋالسۇن!» دېگەن.
دونالد ترامپنىڭ ئىلگىرىكى سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن ئوغىسى قايناپ تۇرغان خىتاي ئۇنىڭ يەكشەنبە كۈنى تىۋىتتەر ئارقىلىق قىلغان يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن تېخىمۇ چىچاڭلاپ كەتكەن. «خەلق گېزىتى» دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرى «قىزىقچىلىق بولماستىن، بەلكى خەتەرلىك سىگنالدۇر،» دېگەن.
خىتاي تاراتقۇلىرى يەنە دونالد ترامپنى خەلقئارا دىپلوماتىيەدە «تەجرىبىسىز»، ئۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى بىر چوڭ دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس» دەپ ئەيىبلىگەن.