رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 11-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن 20-يانۋار ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن سۆزلەشكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما سۆھبەت تېمىسى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن.
دۈشەنبە كۈنى، يەنى 10-فېۋرال فوكس خەۋەرلىرى قانىلى تىرامپتىن ئۇنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن سۆزلەشكەن سۆزلەشمىگەنلىكىنى سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەئە… مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم، مەن ئۇنىڭ خەلقى بىلەنمۇ سۆزلەشتىم. بىزنىڭ ناھايىتى ياخشى شەخسىي مۇناسىۋىتىمىز بار».
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن قايسى كۈنى سۆزلەشكەنلىكى ۋە نېمىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن.
ئەمما، پىرېزىدېنت دونالد تىرامپ بىلەن شى جىنپىڭ 20-يانۋار كۈنى ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇنمۇ بىر قېتىم سۆزلىشىپ، تىك-توك، سودا ۋە تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتاي ماللىرىغا 10 پىرسەنت باج قويۇپ بۇنى ئۆتكەن ھەپتە رەسمىي ئىجرا قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن، 9-فېۋرال كۈنى يەنە چەت ئەل پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا 25 پىرسەنت باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇمۇ، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن ئېكسپورتىغا ئېغىر زەربە بېرىدۇ دەپ قارالماقتا.
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئالدىنقى ھەپتە، دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى سودا ئۇرۇشىنى پەسەيتىشكە ئالدىرىمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان بۇ قېتىمقى سۆزلىشىش ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان تاموژنا بېجىنى بوشىتىش ياكى كېچىكتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارالماقتا.