دوڭگۈەن شەھىرى ئۆتكەن 3 يىلدا ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» تۈرى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىگە سالغان مەبلەغ 1 مىليارد 630 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىڭتۇەنگە سېلىنغانلىقى مەلۇم.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن چىقىدىغان «ياڭچېڭ» كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوڭگۈەن شەھىرى سالغان مەبلەغلەر بىڭتۇەنگە قاراشلىق 3 - دېۋىزىيە، تۇمشۇق شەھىرى ۋە 12 مەيداننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلارغا سېلىنغان.
خەۋەر كۆرسىتىشىچە، بۇ مەبلەغلەر ئاساسەن «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى» غا سېلىنغان بولۇپ، بۇلار ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى، مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشى، يول ۋە ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرگە سېلىنغان.
خەۋەردە ئۇيغۇر ئېلىگە خېنەندىن 30 يىلىنىڭ ئالدىدا كېلىپ يەرلەشكەن ۋە 3 بالىلىق بولۇپ يىلتىز تارتقان جىيەن فامىلىلىك بىر خىتاي دېھقاننىڭ ھاياتى ھەققىدىمۇ بەزى مەلۇماتلار بېرىلگەن.
ئۇ،بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئەسلى يۇرتىدىن بىڭتۇەنگە يەنە 3 ئائىلىلىك تۇغقىنى ئەكېلىپ يەرلەشتۈرگەن ۋە بۇ يەردە پۇرسەتنىڭ كۆپلۈكىنى، كىرىمنىڭمۇ خېنەنىنىڭكىگە قارىغاندا توۋەن ئەمەسلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.
خەۋەردە 3 - دېۋىزىيە تەۋەلىكىگە سېلىنغان مەبلەغلەرنىڭ يەنە 10 مىڭ ئېغىز ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى، 38 كىلومېتىر يول، توك، پار ۋە گاز يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق 97 تۈرگە سەرپ قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30 - مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننىڭ 2016 - يىللىق ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى 198 مىليارد سومغا يەتكۈزمەكچى بولغان.
خىتاي دائىرىلىرى 2010 - يىلى چاقىرىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىنى ئۇيغۇر ئېلىگە «ياردەم» بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرغان. خىتاينىڭ بۇ سىيسىىتى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنى ئەجەپلەندۈرگەن ئىدى.