مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ پىلادېلپىيە شەھىرىگە جايلاشقان درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورتاق ئۇيۇشتۇرۇشى ئاستىدا 8-ئۆكتەبىر كۈنى درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ماۋزۇسىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانى ئاساس قىلىپ، بىر قانچە ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپىدىكى يېڭى ئىمكانىيەتلەر، مائارىپ تەرەققىياتى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇش ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە باشقا كۆپ خىل ھەم كەڭ نۇقتىلار بويىچە ئىلمىي دوكلات بەردى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا يەنە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ۋە باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ھەم ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى جەمئىيەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا قىزىققۇچى ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، شۇنىڭدەك يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە جامائەت ۋەكىللىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىن جەريانىدا يەنە قىزغىن سوئال-جاۋابلار بولدى.
بۇ قېتىملىق يىغىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەللەردىكى، جۈملىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مەخسۇس ئۇيغۇر مائارىپى ۋە تىل-مەدەنىيەت مەسىلىلىرى بويىچە ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ھېسابلىنىدىكەن. يىغىن ھەققىدە رادىئومىز مۇخبىرى ئايرىم تەپسىلىي نەق مەيدان مەلۇماتى بېرىدۇ.