خىتاي ھۆكۈمىتى دۇبەيدىكى «قارا تۈرمە» لەر ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى «ئوۋلىماقتا»

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئ‍ەل ھۆكۈمەتلىرى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئىز-دېرەكسىز غايىپ قىلىۋەتكەنلىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن ئىدى. «ئاسمان خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى دۇبەي شەھرىدە تەسىس قىلىنغان «قارا تۈرمە» ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ خىتايغا ئ‍ۆتكۈزۈپ بېرىشكە قىستاۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلانغان. يەنە بەزىلىرى ئۈچىنچى بىر مەملىكەتتە قولغا ئېلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن غايىپ بولغان. دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئۆز ۋەتىنىدە قىرغىنچىلىققا ئۇچراشتىن باشقا چەت ئەللەردىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاراكەندە قىلىشىدىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقى، بۇنىڭدا دۇبەي شەھىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەرگەن.

دوكلاتتا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلاردىن گوللاندىيەدە ئولتۇرۇشلۇق جەسۇر 2019-يىلى ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونا دوستلىرىنىڭ بىرى بىلەن دۇبەيدە ئۇچراشقان. سۆھبەتتە ئۇ «دوستى» نىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئۇنىڭ دوستى جەسۇرنىڭ بۇرۇنقى ئايالىدا قەشقەردىكى مەلۇم بىر لاگېرغا قامالغان 800 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ تەپسىلىي ئارخىپى بارلىقىنى ئېيتىپ: «ئايالىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى پاش قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. سەن بىزگە ياردەملىشىپ بۇ بارماق دىسكىنى ئۇنىڭ كومپيۇتېرىغا كىرگۈزۈپ قويساڭلا، بىز ئاشۇ ئۇچۇرلارنى ئېلىۋالىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە مۇكاپات ئالىسەن» دېگەن. ئۇ قايتقاندىن كېيىن بۇ بارماق دىسكىنى ساقچى ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. كېيىن ئۇنىڭ «دوستى» كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، ئۇ جاۋاب بەرمىگەن. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇنىڭغا ئانىسى ساقچى ئىدارىسىدىن تېلېفون قىلغان. شۇ ۋاقىتتىلا ئۇ سىڭلىسى، ئاكىسى ۋە ئانىسىنى خىتاي ساقچىلارنىڭ گۆرۈگە ئېلىپ بولغانلىقىنى بىلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خوڭكوڭ دېموكراتىك نامايىشىنى ھېمايە قىلىپ تورلاردا يازما ئېلان قىلغان خىتاي ياش ۋاڭ جىڭيۈ ئامېرىكا سەپىرىدە دۈبەيدە تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ جايدىكى «قارا تۈرمە» دە ئۇنى خىتاي ساقچىلىرى بىر ھەپتە سوراق قىلغان. ئۇ شۇ ۋاقىتتا سوراقچىلار ئارىسىدا ئ‍ولتۇرغان كىشىلەرنىڭ بىرىنىڭ دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇبەيدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى لى شۈخۇاڭ ئىكەنلىكىنى تونۇپ قالغان. ئۇنى «قۇتۇلدۇرۇش» ئۈچۈن دۇبەيگە كەلگەن قىز دوستىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدە ئۆزى قامالغان جايدا يەنە بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن قاماققا ئېلىنغانلىقىنى كۆرگەن.

ئاپتورلار زىيارەت قىلغان نىگارە يۈسۈپ، ئاماننىسا ئابدۇللا، ھۈسەيىن، ئەھمەد، مۇسا قاتارلىق ئۇيغۇرلار دۇبەي شەھرىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۈرلۈك سوراقلىرىغا ۋە تۇتقۇن قىلىشىغا شاھىد بولغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلانغان. يەنە بەزىلىرى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن غايىپ بولغان. خىتاي بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق دوستلۇق ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، يەنە كېلىپ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى بۇ ئىشلارنى بەكمۇ زور «قولايلىق» بىلەن تەمىن ئەتكەن. ھازىرغىچە ئاز دېگەندىمۇ 292 نەپەر ئۇيغۇر ئەرەب دۆلەتلىرىدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىكەن.