دۇنيا بانكىسى: «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بېرىلگەن قەرزنى خاتا ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئالامەت بايقالمىدى»

دۇنيا بانكىسى 29‏-ئاۋغۇست كۈنى يەنە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىلگەن قەرز پۇلىنى قايتا-تەكشۈرۈش چىققانلىقى، لېكىن قەرز پۇلنىڭ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق بىر ئالامەت بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېقىندا دۇنيا بانكىسىنىڭ 2015‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى 5 مەكتەپكە «كەسپىي تەربىيىلەش پروگراممىسى» نامىدا 50 مىليون دوللار قەرز بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىقلارنى «كەسپىي تەربىيىلەش» نامىدا لاگېرلارغا سولىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە دۇنيا بانكىسىنىڭ «كەسپىي تەربىيىلەش پروگراممىسى» نامىدا ئۇنىڭغا قەرز بېرىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى ئەزاسى يېقىندا دۇنيا بانكىسىنىڭ پرېزىدېنتى دەيۋىد مالپاسقا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭ بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

دۇنيا بانكىسىنىڭ باياناتچىسى دەيۋىد دەئىس ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەكتەپلەرگە قەرز بەرگەنلىكىنى ئاقلىغانىدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 30‏-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا بانكىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغاندا باياناتىدا: «دۇنيا بانكىسى بۇ پروگراممىدا مەكتەپلەرگە بەرگەن قەرزنىڭ پروگرامما سىرتىدىكى ھەرقانداق بىر مەقسەتكە ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئالامەت بايقالمىدى» دېگەن. باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيا بانكىسى يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەندىشىلەرگە ئاساسەن بىر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشچىلىقىدا قوشۇمچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتىكەن.

باياناتتا، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، ئەگەر ھېچقانداق خىلاپلىق كۆرۈلمىسە، پروگراممىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن، بەزى مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پروگراممىدىكى مەكتەپلەرنىڭ لاگېرلار بىلەن ئالاقىسى بولمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ مەكتەپلەر ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان يەرلىك تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ لاگېرلار بىلەن ئالاقىسى بار ئىكەن.