دۇنيا كىلىمات يىغىنى بېيجىڭ ۋە يېڭى دېھلىنىڭ تۈتەكتە قالغانلىقى بىلەن باشلاندى


30 - نويابىر كۈنى فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا باشلانغان دۇنيا كىلىمات يىغىنىغا 150 كە يېقىن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى. يىغىندا يەر شارى كىلىماتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئورتاق خەلقئارا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ھەمدە ئاتموسفرادىكى پارنىك گازىنى ئازايتىش ئارقىلىق يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى سېسلسىيە ئىككى گرادۇس ئىچىدە چەكلەش قاتارلىق چوڭ مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنماقچى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا كىلىمات يىغىنى باشلانغان دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭ ۋە يېڭى دېھلىنىڭ ھااۋاسى تۈتەكتە قالغان. خىتاينىڭ مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكى بېيجىڭنىڭ ئىس - تۈتەك بىلەن قاپلىنىش ئەھۋالىنى قىشلىق ئىسسىنىش پەسلىنىڭ باشلىنىشى ۋە ناچار ھاۋا رايى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دەپ ئىزاھلىغان. 22 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئېگە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ھاۋانىڭ ساپلىق كۆرسەتكۈچى 500 نۇقتىغا يەتكەن بولۇپ، نورمالدا 300 نۇقتىدىن ئېشىپ كەتسە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئاھالىلەر ئۆيدىن چىقماسلىققا دەۋەت قىلىنىدىكەن.

16 مىليون نوپۇسقا ئېگە يېڭى دېھلىدىكى ھاۋانىڭ ساپلىق كۆرسەتكۈچى 372 نۇقتىغا يەتكەن بولۇپ، شەھەر ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى «خەتەرلىك» دەرىجىسىنىڭ ئۆلچىمىگە يەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، كۆمۈرنىڭ يېقىلغۇ سۈپىتىدە قوللىنىلىشى شەھەر ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. ئەمما، خىتايدىكى مۇھىت تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى ئەھۋالدا ھاۋانىڭ ساپلىق دەرىجىسىنىڭ نورمال ئۆلچەمگە يېتىشى ئاز دېگەندىمۇ 2030 - يىلىغىچە مۇمكىن بولمايدىكەن.

ئېغىر ئىس - تۈتەك تۈپەيلىدىن ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىمۇ 27 - نوپابىردىن باشلاپ بىر قىسىم ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋە قونۇش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلگەنلىكى، شۇنداقلا بىر قىسىم ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، مۇشۇ سەۋەبتىن يەتتە مىڭدىن ئارتۇق يولۇچىنىڭ ماڭالمايۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.