31-ئىيۇل كۈنى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا دۇنياۋى نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىكەن

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپتىىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى 31-ئىيۇل كۈنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلەشنى قارار قىلغان.

«ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتى» (Stand4Uyghurs) ئۇيۇشتۇرغان بۇ قېتىملىق دۇنياۋىي نامايىش پائالىيىتى ئەنگلىيەنىڭ لوندون، مانچېستېر ۋە ئېدىنبۇرگ شەھەرلىرىدە، ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنىي ۋە مېلبۇرن شەھەرلىرىدە، شۇنداقلا ئىستانبۇل، كانادانىڭ تورونتو شەھرى ھەمدە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا تەڭلا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ نامايىشلارغا ھەرقايسى جايلاردىكى يۈزگە يېقىن ئىسلام تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگۈچى ھەر ساھە كىشىلىرى ئىشتىراك قىلىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ نامايىشنىڭ تەييارلىقى جىددىي داۋام قىلماقتا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئادالەتنى سۆيىدىغان ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ بىردەك قارشىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمتى بىلەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى چۆرىدىگەن «دوستانە مۇناسىۋىتى» بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلماقتا ئىكەن. ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بولىدىغان نامايىش 31-ئىيۇل (يەكشەنبە) كۈنى ئەتىگەن سائەت 11 يېرىمدىن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىگىچە داۋام قىلىدىكەن.