دۇنياۋىي ماركىلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختىدىن ئۇزاقلاشماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرى تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «زامانىۋىي قۇللار ئەمگىكى» نى يوشۇرۇش ھەمدە ئۇنى ئىنكار قىلىشىمۇ ئۆزىگە يارىشا شەكىل ئالماقتا ئىكەن. بۇنى تەكشۈرۈش يولىدىكى ھەرقانداق ئىنتىلىشلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇقلىرى تۈپەيلىدىن زادىلا مۇمكىن بولمايدىكەن.

بۇ خىل رېئاللىققا قارىتا نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا بىلەن ئالاقىسى بولغان كۆپلىگەن خەلقئارالىق شىركەتلەر خىتاينىڭ بۇ خىل «مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش» چارىلىرى بىلەن ئېيتىشىپ ئولتۇرغاندىن كۆرە، پاختا مەھسۇلاتلىرىنى باشقا رايونلاردىن ھەل قىلىشنى ئەڭ ئاقىلانە چارە، دەپ قاراشقا باشلىغان.

«نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل يېڭىچە ھەل قىلىش چارىسى نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپ شىركەتلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە ئىكەن. ئۇلار ئامېرىكادىكى داڭلىق كىيىم-كېچەك پارچە سېتىش شىركەتلىرىدىن «پاتاگونىيە» (Patagonia) نىڭ ئۆزلىرىنىڭ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينى ئەڭ ئاساسلىق پاختا مەنبەسى قىلىشتەك ئەھۋالىغا تۈپتىن خاتىمە بەرگەنلىكىنى بۇنىڭغا مىسال تەرىقىسىدە كۆرسەتكەن. ئۇلار بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پاختا خام ئەشياسىنى لاتىن ئامېرىكاسىدىكى پېرو قاتارلىق جايلاردىن ئىمپورت قىلغان. بۇ رايونلارنىڭ پاختىسى سۈپەت جەھەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختىلاردىن قېلىشمايدىكەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل باچېلېتنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە لېكسىيە ئېلىشقا ئېھتىياجىمىز يوق» دېگەن ھەمدە شۇ ئارقىلىق نۆۋەتتىكى زۇلۇملارنى ئاخىرلاشتۇرۇش خىيالىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھال پاختا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىدىن بىشارەت، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا مەھسۇلاتى پۈتكۈل خىتاينىڭ پاختا ئېكىسپورتىدا 85 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىكەن.