دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى يېڭى تەدبىرلەرنى ئالغانلىقى، بولۇپمۇ غەرب شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە ئىشتىراك قىلىشنى چەكلىگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 14-يانۋار ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا تەكىتلىنشىچە، «ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادانىڭ ئالغان يېڭى تەدبىرلىرى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ئەمدى نورمال ئالاقە قىلىشىنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن».
13-يانۋار ئامېرىكا تاموژنا-چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا، پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئارىلاشمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئوخشاش بىر كۈندە كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانشىس فىلىپ شامپەيىنمۇ كانادانىڭ ئوخشاش تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كانادا بازىرىغا كىرىشى، كانادا شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە ئىشتىراك قىلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا بۇ تەدبىرلەرنى قارشى ئالسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشلىنىۋاتقان جىنايەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى مەجبۇرى ئەمگەك ۋە باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دۇچار قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانچە، بۇ جىنايەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تەخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ». باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن ھاسىل قىلغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى كىشىلىك ھوقۇققا باغلىشى كېرەك ئىكەن.