د ئۇ ق نىڭ ئىرېلاندىيەدىكى پائالىيىتى غۇلغۇلا قوزغىدى

ئىرېلاندىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ھەيئەتلەر ئۆمىكى ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرلار بىلەن سۆھبەتتە بولغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە تېزرەك ھەققانىيەتنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىشقا دەۋەت قىلغان.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ مەلۇمات بېرىشىچە ئۇ باشلاپ ماڭغان بۇ ئۆمەك ئىرېلاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئايرىم ئۇچراشقان، شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن ئىرېلاندىيە پارلامېنتى بىرنەچچە مەيدان گۇۋاھلىق يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن. بۇ جەرياندا د ئۇ ق خادىملىرى ئىرېلاندىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلەشكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارەت ۋە سۆھبەتلەر جەريانىدا «مېنىڭ ئاتا-ئانامنى قۇتۇلدۇرۇشقا بىز بەكلا كېچىكتۇق. ئەمما ئۇ جايدا ھېلىھەم مىليونلارچە ھايات ئىنسان ئۈمىد نۇرىغا تەشنا ھالدا قىينالماقتا» دېگەن.

د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ بۇ قېتىملىق خىزمەت زىيارىتى ئاياغلىشىپ بولغۇچە دۇبلىندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق نوتىسى تاپشۇرغان ھەمدە «خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلەر تەشكىلاتى بولغان د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ ئىرېلاندىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەن. ئەمما ئىرېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ: «بىز ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك رېئاللىقنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتتە داۋاملىق تەكىتلەيمىز. چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەرقاچان ئىرېلاندىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى» دېگەن.