خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق پاجىئەلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى.
«يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» 15-مارت كۈنىدىكى ماقالىسىدە «Grayzone» ناملىق تور بەتتە ئاجىت سىخ ناملىق شەخس تەرىپىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدە يېزىلغان بىر پارچە ماقالىنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ، ئامېرىكادىكى «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» نىڭ مالىيە ياردىمىگە ئېرىشىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسى «CIA» نىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى ئورگانلىقىنى، ئۇنىڭ ئامېرىكانىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن خىتايغا قارا چاپلاش ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلار ۋە باشقا زۇلۇم سىياسەتلىرى يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە يالغان تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار ماقالىسىدە، جېڭلىياڭ ئىسىملىك بىر خىتاي تەتقىقاتچىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، ئامېرىكا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، خىتاينى قامال ئاستىغا ئېلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، دېگەن.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» يەنە، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا مۇناسىۋەتلىك ئورگان، دەپ كۆرسىتىپ، نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق باشقا خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا لاگېرلار ھەققىدە چىققان خەۋەرلەرنىمۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ئارقىلىق يۇقىرىدىكى ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغان پاكىتلىك خەۋەرلەرنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان.
يۇقىرىدىكى خىتاي تەشۋىقات ئاپپاراتى يەنە، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر ئېلىدە بارلىق مىللەتلەرنىڭ خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئىنتايىن ئىلغارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېر تۈزۈمى ۋە شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى ھەققىدە يېقىندىن بۇيان خەلقئارادىكى مۇستەقىل تەتقىقات ئورگانلىرى مۇھىم دوكلاتلارنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كەلگەنىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تىۋىتتىر ئارقىلىق «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى توختىتىش ئورنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ھۇجۇم قىلماقتا. ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى قوغداشقا ئۇرۇنماقتا» دېدى.