دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: «يېڭى دەلىللەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 29-ئىيۇن كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدىكى يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر يېڭى دوكلات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. باياناتتا تەكىتلىشىچە، ئاتاقلىق تەتقىقاتچى ئادرىان زېنز تەييارلىغان بۇ دوكلات خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇغماسلىق ۋە نۇپۇسنى كونترول قىلىش سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى كېلەچەكتىن مەھرۇم قويۇۋاتقانلىقىنى كونكرېت پاكىتلار بىلەن تەمىنلىگەن ئىكەن.

ئادرىان زېنزنىڭ مەزكۇر دوكلاتى لاگېرلاردا يېتىپ چىققان شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن تەييارلانغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا «بۇ دوكلات ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان نوپۇس كونترول سىياسىتنىڭ بىۋاسىتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى توسماقچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى،» دېيىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۇلارنىڭ تۈپ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغاندا، زاۋۇتلارغا ئەۋەتىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغاندا، دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللانمىغانلىقى تەنقىدلەڭەن. باياناتتا: «ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت يەنە خىتايغا تاقابىل تۇرمىسا، ئۇيغۇر خەلقى پۈتۈنلەي يوقىلىشى مۇمكىن. بىز بۇنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويالمايمىز. خەلقئارا جەمئىيەت ھەر قېتىملىق ۋەھشىلىكتىن كېيىن، ئەمدى ‹ھەرگىز قايتىلانمايدۇ› دەپ كەلدى، لېكىن ئۇلار زادى قاچاننى دېمەكچى،» دەپ كۆرسىتىلگەن.