دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ 75 يىل ئاۋۋالقى بۈگۈنكى كۈندە يولغا قويۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن دۇنيا مىقياسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋە دۇنياۋى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋەدىسىنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق باياناتىدا مۇندا دېدى: «بۇ ۋەدىلەرگە قارىماي، ب د ت ئۆزىنىڭ قۇرۇش پرىنسىپىدا داۋاملىق كۆرۈنەرلىك خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىنايەتلەر ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تارىخىي كۈن، دەپ قارالغان ئۇ كۈنگە قاراڭغۇ كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرماقتا. ب د ت نىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر كرىزىسىنى ئەھمىيەتلىك ھالدا ھەل قىلىشقا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى جىنايەتلىرى سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىدۇ.»
باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا تاشلىغانلىقى، ئۇلارنىڭ لاگېرلاردا قىيناش، جىنسىي خورلاش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق زۇلۇملارغا مۇپتىلا قىلىنغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسچىت، قەبرىستانلىقلارنى ۋەيران قىلغانلىقى، ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، كەڭ كۆلەمدە تۇغماس قىلىش ۋە تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
باياناتتا يەنە، خىتاينىڭ «ب د ت دىكى ئورنى ۋە تەسىرى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى ب د ت نىڭ يادرولۇق پرىنسىپ ۋە قىممەت قارىشىنى يوقىتىۋېتىدىغان» لىقى كۆرسىتىلدى.
بايانات ئاخىرىدا مۇندا دېيىلدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلىۋاتقان شارائىتتا، خەلقئارا جەمئىيەت يەنە قاراپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماسلىقى كېرەك. خ ك پ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن كونترول قىلىش ۋە بۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە سىستېمىلىق دەخلى-تەرۇز قىلدى. بۇ ب د ت غا ھۆرمەت ۋە باراۋەرلىك پرىنسىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ ئېغىر تەھدىتلەرنى پەيدە قىلماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 75 يىللىقىدا ئۆزىنىڭ تارىخىغا پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا نەزەر سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ دائىملىق مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئەگەر ھازىر ئۇيغۇر كرىزىسىنى توختىتىش ئۈچۈن مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىلمىسا، بۇ ئۇنىڭ خاتىرىسىدىكى ئۆچمەس داغ سۈپىتىدە ئەستە ساقلىنىدۇ.»