خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدلىرىگە دۇچ كەلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) مۇ 1-ئاپرېل كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىنى توختىتىشى لازىم،» دەپ كۆرسەتتى.
باياناتتا خىتاينىڭ ھەممىلا يېرىنى ۋىرۇس قاپلاپ كەتكەن ئەھۋالدا لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن نامدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ۋىرۇس مەركەزلىرىدىن يىراق بولمىغان زاۋۇتلارغا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ئەيىبلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى» نىڭ دەل مۇشۇ ھادىسىگە قارىتا ئوتتۇرىغا چىققانلىقى كۆرسىتىلدى.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە توختىلىپ «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئات-ئېشەكنىڭ ئورنىدا سېتىلماقتا. ئەمدى بۇ ھالەتكە خاتىمە بېرىشنىڭ پەيتى كەلدى،» دەيدۇ.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىش بىلەن بىرگە دۇنياۋى شىركەتلەر ئۇيغۇرلارنى ئېزىش بەدىلىگە پۈتكەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىققا، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىغا شېرىك بولۇپ قالماسلىققا چاقىرىلدى.