دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 23 - ئاپرېل مارالبېشى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى ھەم ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، 29 - ئاپرېل كۈنى ب ب س ئاگېنتلىقى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خەلقئارادىكى تەرەپسىز تەشكىلاتلارنىڭ 23 - ئاپرېل مارالبېشى ۋەقەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشنى ھەم ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ شيۇڭۋېي 29 - ئاپرېل كۈنى مارالبېشى ۋەقەسى ھەققىدە بايانات بېرىپ، «مارالبېشىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسىنىڭ ئاساسەن تەكشۈرۈلۈپ بولغانلىقىنى ۋە بىر تۈركۈم تېررور گۇماندارلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىپ، يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ بومبا، قاتىللىق قورالى ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى قاتارلىق نەرسىلەر قولغا چۈشكەنلىكى» نى ئېلان قىلغان ئىدى.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى بىلەن خەلقئارا مەتبۇئاتلار 23 - ئاپرېل مارالبېشى ۋەقەسى ھەققىدە پەرقلىق خەۋەر بەرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىغانلىقى خەۋەر قىلىنىپ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.