دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭنىڭ 19-قۇرۇلتايدىكى سۆزلىرىنى تەنقىد قىلدى

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان 19-قۇرۇلتىيى ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا شى جىنپىڭنىڭ قۇرۇلتاي ئېچىلىشىدا قىلغان نۇتقىنى «رىتورىك سۆز» دەپ باھالىدى ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ياقىلىغۇچىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈچ يېرىم سائەت نۇتۇق سۆزلەپ، خىتايچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قۇدرەتلىك بىر خىتاي قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىگەن. ئۇ نۇتقىدا يەنە ئوچۇق قىلىپ «ئاغدۇرمىچىلىق، بۆلگۈچىلىك ۋە تېررورلۇق» قا قارشى ھەرىكەتلەرنى يەنە بىر بالداق كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا، شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە خەلقئارا قانۇن-نىزاملارنى شۇنداقلا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دۆلەتنى «خىتايچە يوسۇندا» ئىدارە قىلىشنى تەرغىب قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭدا يەنە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزلىرىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇلار يەنە خىتاينىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. باياناتتا دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۆزلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى.