ئىككى يىل بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن پاختا ئىمپورت قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئەرز سۇنغان، بىراق ئەينى چاغدا ئەنگلىيە سوتى ھۆكۈمەتكە پايدىلىق قارار چىقارغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگلىيە سوتىنىڭ قارارى ئۈستىدىن قايتا ئەرز سۇنغان.
16-ماي كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، يەرشارى قانۇن ھەرىكەت تورى (GLAN)، قۇللۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا جەمئىيىتى قاتارلىقلار ئەنگلىيە يۇقىرى سوتىنىڭ 2023-يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن چىقارغان قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
قۇللۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا جەمئىيىتى «X» تە بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا، بۇ سوتنى «دۇنيا مىقياسىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىز ئەنگلىيەنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە شېرىك بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.
يۇقىرىدىكى ئورگاننىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، ئەنگلىيە سوتى ئىلگىرىكى قارارىدا «ئەگەر ئىمپورت قىلغۇچى ئورۇن ماللارنى بازار قىممىتى بويىچە سېتىۋالغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە جىنايەت سادىر قىلغان ھېسابلانمايدۇ» دېيىش ئارقىلىق، ئىمپورت قىلغۇچىنى مەجبۇرىي ئەمگەك ئەيىبلىشىدىن قوغدىغان ئىكەن.
ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان تاۋارلاردا ئادىل باھا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەجبۇرىي ئەمگەك تاۋارلىرىغا بازار قىممىتى بويىچە مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ بىردەك چەكلىنىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار «ئەنگلىيە دەرھال مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغان تەدبىرنى يولغا قويمىسا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىغا كىرەلمىگەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىلىش ئورنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەرز ھەققىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئىككى كۈن داۋام قىلىدىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيە ئىشخانىسى مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم «X» تىكى سۆزىدە، «بۇ داۋادا يېڭىپ چىقىش ئەنگلىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا رول ئالمايدىغانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك سىگنال بېرىدۇ» دېگەن.