ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر «ئىككى يۈزلىمىچى» لەر گە قارشى كۈرەش قىلىش ۋەدىسى بەرگەن

يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى شائىر-يازغۇچى، مۇزىكانت-ئۇسسۇلچى ۋە خەتتات-رەسساملار، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» نى قېزىپ چىقىش ئىپادىلىرىنى بىلدۈرۈشكە تەشكىللەنگەن. «ئاقسۇ ئۇچۇر تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر ئىپادە بىلدۈرۈش قەسەمياد يىغىنىغا ۋىلايەت تەۋەسىدىكى مۇزىكانتلار، ئۇسسۇلچىلار، خەتتاتلار ۋە شېئىرىيەتچىلەر جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزالىرى قاتناشقان.

بۇ يىل بېشىدا خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدىكى يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر خەلقىگە ئوچۇق» خېتى ئېلان قىلىنىشى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەر ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش قەسەمياد يىغىنلىرى، پائالىيەتلىرى شۇنىڭدەك ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلارنىڭ قەسەمياد باياناتلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ ھەرىكەت ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىمۇ مەخسۇس تۈردە قانات يايدۇرۇلدى. ئەدەبىيات-سەنئەت، ئىجتىمائىي-پەن ۋە نەشرىيات ساھەسىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلار، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن مۇختەر مەخسۇت، ئارسلان ئابدۇللا، ئابدۇقادىر جالالىدىن، غەيرەت ئاسىم ۋە باشقىلار باش بولۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئىپادىلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جەرياندا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئىلگىرى نەشر قىلىنغان تارىخى رومان ۋە ئەسلىمە قاتارلىق تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلانغان. ئاقسۇدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە ۋىلايەتلىك شېئىرىيەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى-شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ «پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، ئاساسىي مېلودىيىنى ياڭرىتىدىغان» لىقى ھەم «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى قاتتىق كۈرەش قىلىدىغانلىق ئىپادىلىرىنى بىلدۈرگەن.