ياۋروپانىڭ تېخىمۇ ئەجەللىك ۋاسىتە ئارقىلىق خىتاينى چەكلىشى تەكلىپ قىلىنماقتا

ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان زور قىرغىنچىلىق ھادىسىسىنى پىلتا قىلغان ھالدا خىتاي بىلەن غەرب دۇنياسىدا بىر زور قارىمۇ-قارشىلىق بارغانسېرى مۇنتىزىم شەكىل ئېلىۋاتقاندا بىر قىسىم ئانالىزچىلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ ئەجەللىك بولغان «ئۇنىۋېرسال مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» ئارقىلىق خىتاينى چەكلەشكە دەۋەت قىلىشقا باشلىدى.

«بلۇمبېرگ تورى» نىڭ 30-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى ھەقلەر دەپسەندىچىلىكى بويىچە تەنقىدلىسە، خىتاي ھۆكۈمىتى «سەن بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشما» دەپ مۇتتەھەملىك قىلماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ، غەرب دۇنياسى زۇلۇمنى ئىجرا قىلغۇچى بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قويسا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زۇلۇملار ھەققىدە سۆز قىلغان ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىكى شەخسلەرگە، ھەتتا ئالىملارغا «جازا بېرىش» كە ئالدىرىماقتا ئىكەن. ئانالىزچى ئاندرېس كلۇس مۇشۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ «ئەمدى ‹ئۇنىۋېرسال مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى›نى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق خىتاينى پەسكويغا چۈشۈرىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى» دەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ياۋروپانىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بازار ۋە باشقا ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا بىۋاسىتە چېتىلىدىكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى خالىسا بۇ كېلىشىم ئارقىلىق خىتاي ئىقتىسادىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن. ئاپتور گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل خىتايغا قاتتىق مەۋقەدە بولالمايۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ «ھازىر بىزنىڭ دۇچ كەلگىنىمىز قانداقتۇر بىرەر تەرەپكە يان بېسىش ئەمەس. ئەكسىچە بۇ ئاشكارىلىق ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا خىرىس قىلىۋاتقان مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدۇر. ياۋروپانىڭ ئەمدى داۋاملىق ئوتتۇرا يول تۇتۇشىغا ئىمكانىيەت قالمىدى» دەيدۇ.