بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 20-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن ئېكۋاتور رەسمىي ھالدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا ئالماي چېگرادىن ئۆتۈشى ھەققىدىكى بەلگىلىمىنى بىكار قىلماقچى بولغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يېڭى بەلگىلىمە 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا رايونىدىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، 2016-يىلى ئېكۋاتور ھۆكۈمىتى «خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ۋىزاسىز چېگرادىن ئۆتۈشىگە يول قويۇش» سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭدا خىتاي پاسپورتى بار كىشىلەرنىڭ ۋىزا ئالماي تۇرۇپ ئېكۋاتور تەۋەسىدە 90 كۈن تۇرۇشىغا يول قويۇلغان. ھالبۇكى، بۇ سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئېكۋاتور ئارقىلىق مېكسىكا تەۋەسىگە يۈرۈش قىلىش، ئاندىن بۇ جايدىن قانۇنسىز ھالدا ئامېرىكا چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشىگە يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن. ئېكۋاتور تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، «ۋىزا ئالماي ئېكۋاتورغا كىرگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك 90 كۈندىن ئارتۇق تۇرۇۋالغان» دېگەن.
«سودا دۇنياسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2023-يىلى ئامېرىكا چېگراسىدا تۇتقۇن قىلىنغان قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى 37 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 10 ھەسسە ئاشقان. نۆۋەتتە ئېكۋاتور ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى سىياسەتنى قانچىلىك ۋاقىت داۋام قىلدۇرۇشى ھەققىدە ئېنىق بىرەر مەلۇمات يوق ئىكەن.
