ئەل سۆيگەن ناخشىچى، كومپوزىتور مەھمۇت سۇلايمان ۋاپات بولدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.11.23

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىنىشىچە، داڭلىق ناخشىچى ۋە كومپوزىتور مەھمۇت سۇلايمان بۇ يىل 22-نويابىر ئۈرۈمچىدە 52 يېشىدا يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. بۇ خەۋەر مەرھۇمنىڭ خاتىرە سۈرەتلىرى ۋە ۋاپاتىغا ئائىت ۋىديولىرى بىلەن بىرلىكتە تارقالغاندىن كېيىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى قايغۇ-ماتەمگە چۆمدۈرگەن بولۇپ، تورلاردا ھەر خىل تەزىيە تىلەكلىرى، ئەسلىمە ۋە مەرسىيەلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە ئائىت ھەر خىل پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىققان، بەزىلەر ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىنى كورونا ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىسىمۇ، بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ئېنىق ئىسپات يوق.

مەرھۇم مەھمۇت سۇلايمان 1968-يىل قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1981-يىل دىيارىمىزدىكى سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىدە ئوقۇغان، 1985-يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قەشقەر سەنئەت ئۆمەكتە ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلىگەچ مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1990-يىلى «رىۋايەت» مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان ۋە «رىۋايەت»، «سالام دوستلار»، «يۇلتۇزۇم» قاتارلىق ئۈنئالغۇ لىنتىلىرىنى چىقىرىپ داڭ قازانغان. 1997-يىل ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كەلگەن. 2005-يىل شاڭخەي مۇزىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. 2006-يىل «سېغىنمىدىڭمۇ» دېگەنMTV پلاستىنكىسىنى چىقارغان. ئۇ يەنە «يىپەك يولى ساداسى» ۋە «مەن ناخشىچى» پروگراممىلىرىدا يېتەكچى ئۇستاز بولغان. ئۇ ئۇيغۇر خەلقى ياخشى كۆرىدىغان كۆپلىگەن ناخشىلارنى ئىجاد قىلغان، ئورۇنلىغان تالانتلىق ناخشىچى بولۇپلا قالماي، كەسىپتە تېخىمۇ ئۆرلەش ئۈچۈن ھارماي-تالماي ئۆگەنگەن ۋە ئىزدەنگەن سەنئەتكار بولۇپ، كۆپلىگەن ياش ناخشىچى ۋە مۇزىكانتلارنى تەربىيىەلىگەن ھەمدە ئۇلارغا كەسىپ ۋە ئەخلاق جەھەتتىن ئۈلگە بولغان.

مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئۇزىتىشقا ئائىت سۈرەتلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتناشقانلار تولىمۇ ئاز بولۇپ، جىنازىغا داستىخاندەك بىر نەرسە يېپىپ قويۇلغان. جامائەتنىڭ مېيىتنى ئۆز قائىدىسى بويىچە ئۇزىتىپ، ئۆز لايىقىدا دەپنە قىلالمىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقتە توردا پىكىر بايان قىلغانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى، خەلق ئۆزى ياخشى كۆرگەن بۇ سەنئەتكارنى داغدۇغا بىلەن ئۇزىتىپ قويالمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭغا ئاشكارە دۇئا-تىلەكلىرىنىمۇ بىلدۈرەلمىگەن. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىب ۋە قورقۇنچلۇق سىياسىتىنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.