كورونا ۋىرۇسى پەيدا قىلغان بەزى قولايسىزلىقلار تۈپەيلى «يورۇق ساھىللار»، «تارىخ ۋە بۈگۈن»، «ئەركىن تىنىقلار» قاتارلىق رادىيو پروگراممىلىرى، جۈملىدىن «نەزەر» ۋە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» قاتارلىق تور تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا مەجبۇر بولدۇق. ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىلەر. مەزكۇر ئۆزگىرىشلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى چىقارغۇسى قولايسىزلىقلار ئۈچۈن ئاڭلىغۇچىلرىمىزدىن كەچۈرۈم سورايمىز. بۇ پروگراممىلار ۋەزىيەت نورماللاشقان ھامان ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.
ئېھتىرام بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى تەھرىراتى.