خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كەسكىن ئىختىلاپتىكى ھالقىلىق سودا مەسىلىلىرىدىن خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا باج قويۇش مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان بولغان.
BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپى چوڭقۇر بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى 22-ئىيۇن شەنبە كۈنى سۆزلىشىپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىلگىرىلەپ سۆزلىشىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغان.
خەۋەرلەردە، بۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنى ياۋروپا بازىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىشىغا قارشى خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن 38 پىرسەنتكىچە باج ئېلىشنى قارار قىلىشىدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلۇشى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
چەت ئەل تەتقىقات ئورۇنلىرى خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە زىچ چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، 38 پىرسەنتىگىچە باج قويۇش ھەققىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارارى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلاپ چەكلەشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا باج قويۇشتا ئۇنىڭ ھۆكۈمەت قوشۇمچە ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئادالەتسىز سودا رىقابىتىدىن پايدىلىنىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
BBC نىڭ قەيت قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتچىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىسسارى ۋالدىس دومبروۋىسكىسنىڭ خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ بىلەن «سەمىمىي ۋە ئىجابىي» سۆھبەتتە بولغانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ «ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە ھەر دەرىجىلىك ئالاقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى باياناتچىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ مەبلەغ بىلەن تەمىنلىنىش شەكلىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.