خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن باشقا يەنە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ، بۇلارنى شۇ جايلارنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداشقا ئىشلىتىش مىقدارىنى ئاشۇرماقتا.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇ ئېلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا، خىتاي ئۆلكىلىرىگە 59 مىليارد 274 مىليون كىلوۋات توك يەتكۈزۈپ بەرگەن. يەنى توك يەتكۈزۈش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 2.72 ئاشقان.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توكىنى خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى 2011-يىلى 12-ئايدا خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يەتكۈزۈش ئىشلىرى باشلىنىپ، ئۇنىڭ مىقدارى داۋاملىق ئاشۇرۇلغانلىقى مەلۇم.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللانغان توكنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈرىنى ئۆز جايىدا توكقا ئايلاندۇرۇپ، ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى نىشان قىلغان بۇ قۇرۇلۇش بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋە مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. ئۇلار، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توكىنى خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇھىتىنى قوغداشقا پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتىنى ۋەيران قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ھاۋاغا زور مىقداردا زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىپ، دۇنيانىڭ يەر شارى ھاۋا كىلىماتىنى كونترول قىلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى ئەركىن تۇنياز بۇ يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش»، «شىنجاڭنىڭ توكىنى ئىچكىرىگە يەتكۈزۈش»، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنىدى.