10-ئىيۇل قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ھاۋا رايى ئىدارىسى سىننا تور بلوگىدا «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقى خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئېكرانىغا ئۇيغۇرچە، قىرغىزچە يېزىق كىرگۈزۈلگەنلىكى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن تورداشلار ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغالدى.
ئۇيغۇربىز تورىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، تورداشلار ئىنكاسلىرىدا،«قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ھاۋا رايى ئىدارىسى پەقەت مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنلا، ئېلىكتورونلۇق ئېكراندا ئۇيغۇرچە، قىرغىزچە خەت سىستېمىسىنى كىرگۈزۈپتۇ، ئەگەر بۇ ئېھتىياج بولمىسا ئۇلار ئاپتونومىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى باراۋەر ئىشلىتىلىش دېگەن بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىشنى ئويلىماس ئىكەن.
ئەگەر ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەقىقەتەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئويلىغان بولسا، پەقەت تەشۋىقات ئېھتىياجى ئۈچۈنلا بۇنداق قارارلارنى ئالمىغان بولاتتى، دېگەندەك سۆزلەرنى يېزىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېتىبارسىز قالدۇرۇلۇۋاتقان يۈزلىنىشكە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.